بارلىق گۇزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت-سالاملار ئاللاھنىڭ ئەڭ ئېسىل پەيغەمبىرىگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا بولسۇن.
بۇ ئېسىل بىر كىتاب بولۇپ، بۇنىڭدا مول مەزمۇنلىق تۈرلۈك دۇئالار بار(ئاللاھنى مەدھىيلەش، قۇرئان دۇئالىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دۇئالار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاناھلىق تىلەش دۇئالىرى، رۇقىيە دۇئالىرى، ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇيدىغان دۇئا-زىكىرلەر).
شۇنىڭدەك دۇئانىڭ ئەدەپلىرى بايان قىلىندى. مۇسۇلمان كىشىنىڭ تېرىشىپ كۆپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈن سەھىھ بولغان دۇئالارنى تاللاشقا ھېرىسمەن بولدۇم. شۇنداقلا قۇرئان-ھەدىستە بايانقىلىنغان كۆپ ياخشىلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى تاللىدىم. ھەر بىر دۇئانىڭ ئەرەپچە تېكىستى، (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى) ۋە ئوقۇلىشىنى يازدىم. كىتابنىڭ ئاخىرىدا دۇئا توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسىنى زىكىر قىلدىم. ئاللاھ تائالادىن مۇشۇ ئەمەلىمنىڭ خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
د. ئابدۇللاھ ئىبنى ھەمۇد ئەلپۇرەيھ.