ئىزدەش نەتىجىسى:siman 2
تىپىلغان ئومۇمىي خاتىرىلەر:۳
تىپىلغان ئومۇمىي خاتىرىلەر:۳
نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت بىلەن دۇئا قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا، ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ تاغىسى ئەبو ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بولغان ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ ئامىر ئابۇ مۇساغا ئۆزى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۇئا تەلەپ قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان، ئەبۇ مۇسا بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېگەن ۋاقتىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئەكەلدۈرۈپ، تاھارەت ئىلىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دۇئا قىلغان. "ئەي ئاللاھ! بەندەڭ ئەبۇ ئامىرنى مەغپىرەت قىلغىن".پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرگەنلىكتىن مەن ئۇنىڭ قولتۇقىنىڭ ئاقلىنى كۆردۈم، يەنە مۇنداق...
تېخىمۇ كۆپ ...تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن.» [سۈرە بەقەرە 250-ئايەت].
تېخىمۇ كۆپ ...ئايەتەل كۇرسىنى بىر قېتىم ئوقۇش.تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى، كەينىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مەلۇماتى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ، ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر»....
تېخىمۇ كۆپ ...