۱٢

* بۇ يەردە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇغاندا رىئايە ۋە دىققەت قىلىنىدىغان تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە شەرتلەر بار:

1- رۇقىيە دۇئالىرى قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان، توغرا، لەپزى ياكى ئوقۇش جەھەتتىن ھارام، بىدئەت ۋە شېرىك ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.

2- مۇسۇلمان ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئېسىلىشى، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىشى، رۇقىيە دۇئاسى بىر سەۋەب بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم.

3- رۇقىيە دۇئاسىنى تەجىربە شەكىلدە ئوقۇماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تەسىر قىلىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئېشىنىش كېرەك، بۇ دۇئانى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بۇ دۇئانىڭ تەسىرى ۋە شىپا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشى لازىم.

4- قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى شىپادۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز». [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

شۇنداقتىمۇ رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇغاندا، شۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇش ياخشىدۇر.

5- بىمار كىشى ئۆزىگە رۇقىيە دۇئاسىنى ئۆزى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇ كىشىگە پايدىلىق ۋە ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان  ئېھتىياجى، سەمىيمىتى، ۋە ھاجىتىنى ئوچۇق ئىپادىلەشتۇر، چۈنكى ھۇزۇرى دىل، خالىس نىيەت بىلەن ئوقۇلغان رۇقىيە دۇئاسىنىڭ تەسىرى بولىدۇ.

12/12