دۇئانى ئاۋازلىق قىلماستىن ئېچىدە قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار» [سۈرە ئەئراپ 55-ئايەت].
يوشۇرۇن قىلىنغان دۇئا ئىخلاسقا يېقىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى.» [سۈرە مەريەم 3-ئايەت].
بۇ ئايەتنى تەپسىرشۇناس ئالىملارنىڭ بىرى: ئىخلاسمەنلىكنى تەلەپ قىلىش دەپ تەپسىرلىگەن.