٦

دۇئادا ئاللاھنىڭ‌‌ ‌‌گۈزەل‌‌ ‌‌ئىسىملىرى‌‌ ‌‌ۋە‌‌ ‌‌دۇئاغا‌‌ ‌‌‌‌مۇناسىپ‌‌ ‌‌كىلىدىغان‌‌ ‌‌سۈپەتلىرى‌‌ ‌‌بىلەن‌‌ ‌‌‌‌دۇئا‌‌ ‌‌قىلىش‌‌ ‌‌كېرەك.‌‌ ‌‌ئاللاھ‌‌ ‌‌تائالادىن‌‌ ‌‌‌‌رىزىق‌‌ ‌‌سورىغاندا «ئىي‌‌ ‌‌رىزىق‌‌ ‌‌‌‌بەرگۈچى رەببىم» دەپ،‌‌ ‌‌رەھمەت‌‌ سورىغاندا:«ئىي‌‌ ‌‌مېھرىبان،‌‌ ‌‌ئىي‌ شەپقەتلىك ئاللاھ» دەپ،‌‌ ‌‌ئىززەتلىك‌‌ ‌‌بولىشىنى‌‌ ‌‌‌سۇرىغاندا: «ئىي‌‌ ‌‌ھەممىدىن‌‌ ‌‌غالىپ‌‌ ‌‌‌كەلگۈچى ئاللاھ» دەپ،‌‌ ‌‌مەغپىرەت‌‌ ‌‌‌سورىغاندا: «ئىي‌‌ ‌‌چەكسىز‌‌ ‌‌مەغپىرەت‌‌ قىلغۇچى» دەپ،‌‌ ‌‌شىپالىق‌‌ ‌‌تەلەپ‌‌ ‌‌‌قىلغاندا:«ئىي شىپالىق‌‌ ‌‌ئاتا‌‌ ‌‌قىلغۇچى ئاللاھ»‌‌ ‌‌دەپ‌‌ ‌‌دۇئاغا‌‌ ‌‌مۇناسىپ‌‌ ‌‌سۈپەتلەر‌‌ ‌‌‌بىلەن‌‌ ‌‌دۇئا‌‌ ‌‌قىلىش‌‌ ‌‌كېرەك.‌‌ ‌‌بۇ‌‌ ‌‌توغرىدا‌‌ ‌‌‌ئاللاھ‌‌ ‌‌تائالا‌‌ ‌‌مۇنداق‌‌ ‌‌دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ‌‌ ‌‌‌گۈزەل‌‌ ‌‌ئىسىملىرى‌‌ ‌‌بار،‌‌ ‌‌ئاللاھنى‌‌ ‌‌شۇ‌‌ ‌‌‌(گۈزەل‌‌ ‌‌ئىسىملىرى)‌‌ ‌‌بىلەن‌‌ ‌‌‌ئاتاڭلار.» [سۈرە ئەئراپ‌‌ 180-ئايەت].

6/10