٥

ئاللاھ‌‌ ‌‌تائالاغا‌‌ ‌‌دۇئا‌‌ ‌‌قىلغاندا،‌‌ ‌‌دۇئانىڭ‌ ئىجابەت‌‌ ‌‌بولىشىغا‌‌ ‌‌ئىشەنچ‌‌ ‌‌قىلىپ،‌‌ ‌‌‌‌ئالدىرىماستىن‌‌ ‌‌ئاللاھ‌‌ ‌‌تائالا ەققىدە ‌‌ياخشى‌‌ ‌‌‌‌

گۇماندا ‌‌بولۇش‌‌ ‌‌ۋە‌‌ ‌‌ئاللاھنىڭ‌‌ ‌‌ئۆزىنىڭ‌‌ ‌‌‌‌قىلغان‌‌ ‌‌دۇئاسىنى‌‌ ‌‌يېقىندا‌‌ ‌‌ئىجابەت‌‌ ‌‌‌‌قىلىدىغانلىقىغا‌‌ ‌‌تولۇق‌‌ ‌‌ئىشەنچ‌‌ ‌‌قىلىش‌‌ كېرەك.‌‌ ‌‌بۇ‌‌ ‌‌توغرىدا‌‌ ‌‌ئەبۇ‌‌ ‌‌ھۈرەيرە‌‌‌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن‌‌ ‌‌بايان‌‌ ‌‌قىلىنغان‌ھەدىستە،‌‌ ‌‌پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام‌‌ ‌‌‌‌مۇنداق‌‌ ‌‌دېگەن: «بەندە‌‌ ‌‌دۇئا‌‌ قىلغاندا گۇناھ-مەسىيەت‌‌ ‌‌ياكى‌‌ ‌‌‌‌ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى‌‌ ‌‌ئۈزىدىغانغا سەۋەپ بولىدىغان دۇئالارنى‌‌ ‌‌قىلماستىن‌‌ ‌‌ۋە‌‌ ‌‌دۇئانىڭ‌‌ ‌‌‌‌

ئىجابەت‌‌ ‌‌بولىشىغا‌‌ ‌‌بەك‌‌ ‌‌ئالدىراپ‌‌ ‌‌‌‌كەتمىگەندە‌‌ ‌‌ئۇنىڭ‌‌ ‌‌دۇئاسى‌‌ ‌‌دائىم‌‌ ‌‌‌‌ئىجابەت‌‌ ‌‌قىلىنىدۇ»،‌‌ ‌‌ئىي‌‌ ‌‌ئاللاھنىڭ‌‌ ‌‌‌‌

پەيغەمبىرى!‌‌ ‌‌ئالدىراپ‌‌ ‌‌كېتىش‌‌ ‌‌قانداق‌‌ ‌‌‌‌بولىدۇ؟ دەپ‌‌ ‌‌سورىغاندا،‌‌ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«دۇئا‌‌ ‌‌قىلدىم،‌‌ دۇئا‌‌ ‌‌قىلدىم،‌‌ ‌‌دۇئايىمنىڭ‌‌ ‌‌ھېچ‌‌ ‌‌ئىجابەت‌‌ بولغانلىقىنى‌‌ ‌‌كۆرمىدىم‌‌ ‌‌دەپ‌‌ ھەسرەتلىنىپ،‌‌ ‌‌دۇئا‌‌ ‌‌قىلىشنى‌‌ ‌‌تەرك‌‌ قىلىدۇ، دېدى».

5/10