دۇئانى ئاللاھقا مەدھىيە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن باشلاش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بولغان پەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ نامازدا ئاللاھنى مەدھىيلىمەي، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىماي دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، «بۇ ئادەم ئالدىراپ قالدى» دېدى ۋە ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇغاندا، ئالدى بىلەن ئاللاھنى مەدھىيلەپ ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا
دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن باشلىسۇن، ئاندىن خالىغان دۇئالارنى قىلسۇن» دېدى.
ئەگەر دۇئانى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن ئاللاھنى مەدھىيلەش ئايەتلىرى بىلەن باشلىغان بولسا (بۇنى
كېيىن بايان قىلىمىز) ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغان بولسا، ئاندىن تۈرلۈك مەدھىيىلەر بىلەن ئاللاھنى ماختىغان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىجابەتكە بەك يېقىن بولاتتى.