۱۰
دۇئا قىلغۇچى ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى تاللاپ دۇئا قىلىشى كېرەك. ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردىن: «ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىدا، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە، جۈمە ۋاقتىدا، پەرىز نامازلاردىن كېيىن، سەجدە قىلغاندا، يامغۇر چۈشكەندە، مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشى يوق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى، ئاتىنىڭ بالىغا قىلغان دۇئاسى، سەپەر ئۈستىدىكى كىشىنىڭ دۇئاسى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر».